خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كرودىيە زۇڭلىسى پلېنكوۋىكنىڭ ھەمراھلىقىدا كرودىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پېلجېساس يېرىم ئارىلىغا كېلىپ، جۇڭگو كارخانىسى خېرىدار بولۇپ قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان پېلجېساس چوڭ كۆۋرۈكى تۈرىنى تەكشۈردى.لى كېچياڭ بىلەن پلېنكوۋىك بوران-چاپقۇنغا قارىماي پاراخوت ۋە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، چوڭ كۆۋرۈك تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا باردى. سەپەردە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ تۈرنى تونۇشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى.
پېلجېساس چوڭ كۆۋرۈكى تۈرى جۇڭگو-كرودىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2440 مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئادرىئاتىك دېڭىزىنىڭ سىتون قولتۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، كرودىيەنىڭ دېڭىز ئايرىپ تۇرىدىغان زېمنىنى تۇتاشتۇرىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتۈش باھاسىنىڭ ٪85ىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندى ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگو يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كارخانىلىرى بىرلەشمە گەۋدىسى ئاشكارا رىقابەتلىشىش ئارقىلىق 2018-يىلى خېرىدار بولغان ۋە قۇرۇلۇش باشلىغان، تۈرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولغان.
مەنبە: خەلق تورى