باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە رۇسىيە ياسىغان S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىشى مۇمكىن، دېدى

2019.04.12 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ئاپرېل خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالماقچى بولغان S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ تاپشۇرۇلۇش ۋاقتى مۇددەتتىن بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەردوغان يېقىندا رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتقان مەخسۇس ئايروپىلاندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تۈركىيە-رۇسىيە S-400 سىستېمىسىنىڭ سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئەسلىدە پىلانلانغان بۇ يىل 7-ئايدىكى تاپشۇرۇلۇش ۋاقتىدىن تېزراق تاماملىنىشى مۇمكىن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈركىيەنىڭ بۇ سىستېمىنى سېتىۋېلىشى تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىش بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.

  ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلمىگەچكە، تۈركىيە باشقا تاللاشقا يۈزلەندى.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 10-چېسلا تۈركىيە NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا تۈركىيەنى F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلىمىسە، تۈركىيە باشقا دۆلەتلەردىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالىدۇ، بەلكىم رۇسىيەنىڭ سۇ-34، سۇ-57 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا تۈركىيەگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىشنى رەت قىلسا، تۈركىيە رۇسىيەدىن تېخىمۇ كۆپ S-400 ياكى باشقا ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋالىدۇ.

  2017-يىلى تۈركىيە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، تۆت يۈرۈش S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋالغان. ئامېرىكا قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرى تۈركىيەگە رۇسىيەنىڭ بۇ سىستېمىسىنى سېتىۋالماسلىقىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان، ئۇلار: بۇ سىستېما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قورال سىستېمىسى بىلەن سىغىشالمايدۇ، يەنە كېلىپ رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇن بېكىتىش ۋە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىزىغا چۈشۈشىگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تاكى تۈركىيە تەرەپ 400- S تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدىن ۋاز كەچكەنگە قەدەر تۈركىيە تەرەپكە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ زاپچاسلىرىنى بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر