خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار قارارىنى بايان قىلدى.
شۇ كۈنى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسامېي پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» ۋاقتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىغا باغلىق، ئەگەر پارلامېنت مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى تېزدىن تەستىقلىيالىسا، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشتىن ساقلىنالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى