4-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېفېي شەھىرى لۇجياڭ ناھىيەسىدىكى خۇاڭداۋ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدە، بىر ئوقۇغۇچى (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئۆگەنمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چاۋخۇ شۈيشاڭ شۆبە ئىدارىسى باش بولۇپ تەشكىللىگەن سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشۋىق قىلىش ئەترىتى خېفېي شەھىرى لۇجياڭ ناھىيەسىدىكى خۇاڭداۋ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇداپىئە ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى.