باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت ئون تۈرلۈك مىزانغا خىلاپلىق قىلغان تۆت تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى

2019.04.04 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت ئون تۈرلۈك مىزانغا خىلاپلىق قىلغان تۆت تىپىك دېلونى ئاشكارىلىغان. بۇ دېلولار ئىلىم-پەندە دۇرۇس بولماسلىق، ئوقۇغۇچىلار بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇ دېلولار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە:

  1. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لياڭ يىڭنىڭ ئىلىم-پەندە دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىسى. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لياڭ يىڭ ئوقۇتۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، دەرسلەرنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكەن؛ ئاسپىرانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىلمىي قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆچۈرۈپ ۋە تەكرار ئېلان قىلىۋېلىپ، كۆچۈرۈۋالغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئۆزىنىڭ نەتىجىسى قىلىۋېلىپ، ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپ پارتكومى (مەمۇرىيىتى) لياڭ يىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي گۇناھ يېزىش، ئاسپىرانت ئۇستازىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش، ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات ئورنىدىن يۆتكىۋېرىش، ئالاقىدار ئىختىساسلىقلار تەتقىقات تۈرىنى توختىتىۋېتىش ياكى كېچىكۈرۈش دېگەندەك جازالارنى بېرىش، ھەمدە تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپنىڭ ئالاقىدار ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت، تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى قارار قىلدى.

  2. جېڭجوۋ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچىسى يې چېڭنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسى بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. جېڭجوۋ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچىسى يې چېڭ توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىدىن خۇپىيانە ھالدا مەلۇم ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى يىلغىچە نامۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپ پارتكومى (مەمۇرىيىتى) يې چېڭنى پارتىيەدىن قوغلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى تەرتىپ بويىچە بىكار قىلدى. خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتى كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە جېڭجوۋ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلغارلىققا باھالىنىشتىكى پۈتۈن يىللىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ھەمدە مائارىپ سىستېمىسىدا ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى.

  3. ئەنخۇي ئۆلكىسى توڭلىڭ شەھىرىدىكى ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللەش مەسىلىسى. توڭلىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر مەسىلىنى، يەنى، ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاش بىلەن شۇغۇللىنىشتەك بىر مەسىلىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، مۇشۇ شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى گۇڭ فۇدې ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ بىناسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ئوقۇغۇچىلارنى ھەق ئېلىپ تۇرۇپ دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللىگەن؛ شەھەرلىك 15- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى پەن تاۋ ئۆز ئۆيىدە ئوقۇغۇچىلارنى ھەق ئېلىپ تۇرۇپ دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللىگەن؛ شەھەرلىك 10- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ جىبىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تەمىنلىگەن سورۇننى ئارىيەت ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەق ئېلىپ تۇرۇپ دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى يۇقىرىقى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېرىشكەن پۇل-ماللىرنى قايتۇرۇۋېلىش، يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز قىلىش، يىللىق مۇكاپات خاراكتېرلىك ئۈنۈم مائاشى ۋە بىر قېتىملىق خىزمەت مۇكاپاتىنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق چارىلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلدى.

  4. خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى ئوقۇتقۇچى نا جۇڭخۇانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىشى ۋە ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلىشى دېگەندەك تىپلىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خاربىن شەھىرى ئاچېڭ رايونى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نا جۇڭخۇا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەلۇم ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالتە قېتىم ئۈندىدار ئارقىلىق يوللىغان 2200 يۈەن پۇلىنى ئالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، نا جۇڭخۇاغا گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىپ، ئۇنىڭ شۇ يىللىق ئۈنۈم مائاشى ۋە مۇكاپات پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش قارار قىلىندى، ھەمدە ئۇنىڭ ئىلغارلىققا ۋە مۇنەۋۋەرلىككە باھالىنىش، دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى قاتارلىق سالاھىيەتلىرى بىكار قىلىنىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئېرىشكەن تاپاۋىتى تولۇق قايتۇرۇۋېلىندى؛ ھەم شۇنداقلا، شۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەسئۇلى تەنقىد قىلىنىپ تەنبىھ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر