باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تارماقلىرى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى

2019.04.03 10:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ سىچىن خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 16 دە، شىنجاڭ سەييۈەن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە خادىمى گاۋ خەيلىن يان تېلېفون ئۈندىدارىنى ئېچىپ، شىنجاڭ باج ئىشلىرى ئۈندىدار بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدىن تەربىيەلەشنى كۆرۈشكە باشلىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى يېڭى سىياسىتىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرغان 2- قارارلىق ئۈندىداردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش.

  بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، مۇتەخەسسىسلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭى باج نىسبىتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش نىسبىتى، كۆچمەس مۈلۈكتىن مۇددەتكە بۆلۈپ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ساياھەتچىلەرنى توشۇش مۇلازىمىتىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە كىرگۈزۈش قاتارلىق سەككىز جەھەتتە دېلو مىسالى ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  «مۇئەللىم، قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش قىسمىدا، بوغالتىرلىق ھېسابات ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتى قانداق قىلىنىدۇ؟» ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسىدا، تورداشلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارىلىقىدا بەس - بەستە ئۆزلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىگىلىمەكچى بولغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى، مۇتەخەسسىسلەر بىر - بىرلەپ جاۋاب بەردى.

  «بۇ خىل <بىۋاسىتە كۆرسىتىش +باج ئىشلىرى> تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە، مەن ئىشىكتىن چىقمايلا دەرس ئاڭلىيالايدىغان بولدۇم. بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈش جەريانىدا ئەگەر چۈشەنمەيدىغان مەسىلىگە دۇچ كېلىپ قالسام توردا سوئال سوراپ، نەق مەيداندىلا جاۋابقا ئېرىشەلەيمەن، بەك قولايلىق ئىكەن» دېدى قومۇل شەھىرى ئاۋجيې سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بوغالتىرى فۇ فېيرەن.

  شۇ كۈنى، 90 مىنۇتلۇق بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، كۆرۈرمەنلەر 91 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى باج تارماقلىرى «سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» «قولايلىقتىن بەھرىلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى چىڭ ئىگىلەپ، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تەدبىرلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، توردا، تور سىرتىدا تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى يەنە رايوننى ئايرىش، باج تاپشۇرغۇچىلارنى ئايرىش، سىياسەت تۈرىنى ئايرىشتەك باجنى كېمەيتىش ئىستاتىستىكا قىلىپ ھېسابلاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ يول ئارقىلىق مەسىلىلەرنى يىغىپ قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «ئاغرىش نۇقتىسى» «توسۇلۇش نۇقتىسى»نى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى، شىنجاڭ باج ئىشلىرى APP سى، باج ئىشلىرىنى ئاپتوماتىك بېجىرىش تېرمىنال سىستېمىسى قاتارلىق ئۆزگىچە يۇمشاق دېتالنى ئېچىش، تورغا چىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش مۇلازىمىتى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، باج ئېلىش، باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىش قولايلىقى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سىياسەت پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر