باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۈن جىنلۇڭ نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى

مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.04.03 10:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بى يۈجۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، سۈن جىنلۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زاۋا بازىرى، پۇرچاقچى يېزىسى، قاراساي بازىرى، كۇيا بازىرىغا بېرىپ، نەسىللىك كەپتەر، گۆش كەپتىرى يېتىشتۈرۈش، گۆش توشقىنى بېقىش، نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈش، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ، قىسمەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سوراپ، بىرلەشمە يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشىنى تەتقىق قىلدى.

  بىرلەشمە يىغىندا، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى مەسئۇل يولداش ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قاراقاش ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىنىڭ بىرمۇبىر ئەمەلىيلىشىشىگە، ھەربىر ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا كۈچەپ، «ئىككىدە تەربىيەلەش، ئىككىدە قاپلاش، ئىككى سۇغۇرتا» قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق، خاس تېرىقچىلىقتىن ئىبارەت «ئۈچ كەسىپنى تەڭ ئۆستۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، «بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشتە، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇقىم مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى زور كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغىتىپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالىي مەكتەپلىرى ۋە 14- شىنىڭ قۇرۇمقاش شەھىرى ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، كادىر ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر