خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاپرېل، بىر بىمارنى ئېلىپ ماڭغان قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى شاڭخەي رۈيجىن دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە قونۇشقا تەييارلانماقتا.
شۇ كۈنى، ئېغىر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار جېجياڭ جۇشەن دوختۇرخانىسىدىن جىنخۇي ئاۋىئاتسىيە قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شاڭخەي رۈيجىن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇنىڭغا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلدى. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ بىمارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ مېڭىشى ئەسلىدە يەر يۈزىدە يۈرۈش كېرەك بولغان ئۈچ يېرىم سائەتلىك مۇساپىنى 45 مىنۇتقا قىسقارتتى، يەنى، بۇ ئېغىر كېسەلنى داۋالاپ قۇتقۇزىىۋېلىش ئۈچۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى