باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019- يىللىق بېيجىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپكە كىرىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى

ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگەللەيدىغان سانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ

2019.04.02 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنىڭ 2019- يىللىق نۇسخىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يېڭىچە سىياسەت «يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆرلەش» ۋە «باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش» باسقۇچلىرىغا چېتىلىدۇ. سىياسەت مۇنۇلارنى ئېنىق قىلدى: بۇ يىل ھەر خىل ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇ ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇغۇچىلاردىن تېجەپ قېلىنغان سانلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلانى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، بېيجىڭ شەھىرى 6- رايونىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بۇلتۇرقىدىن %10 ئازىيىدۇ. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، ياتاقلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا، تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئوقۇشقا كىرىش سىياسىتى يولغا قويۇش كېرەك، ھەمدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش دائىرىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ۋە قوبۇل قىلىش تىزىىملىكى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى بۇنىڭدىن كېيىن يەككە مەكتەپ بۆلەكلىرىنى ئايرىش بىلەن كۆپ مەكتەپ بۆلەكلىرىنى ئايرىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپكە كىرىش ئۇسۇلىنى داۋاملىق پۇختا ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئۆي-جاي ۋە نوپۇس شارائىتى ھازىرلانغان ھەمدە تۇرۇش ۋاقتى بەلگىلىك يىل چېكىگە يەتكەن كونا ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىدا، ئەسلىدىكى يەككە مەكتەپ بۆلەكلىرى دائىرىسىدە قوبۇل قىلىنىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن. يەككە مەكتەپ دائىرىسىدە ئوقۇش شارائىتىغا تولۇق توشمايدىغانلار كۆپ مەكتەپ دائىرىسىگە ئايرىلىپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. رايونلار چوقۇم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى تەمىنلەش ئەھۋالى، نوپۇس، ئۆي-جاي ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش يىل چېكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، مۇناسىپ چارىلەرنى تۈزۈپ چىقىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر