باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى

1-مايدىن باشلاپ فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلار تۈرگە ئايرىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2019.04.02 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە 1-ئاپرېل «فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلارنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلمەيدىغان ناركوز دورىسى ۋە روھىي كېسەللىك دورىسىنى باشقۇرۇش تۈرىنىڭ قوشۇمچە مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى ليۇ يۆجىن ۋە دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خېشېڭ، دۆلەت دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شىفېي ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ناركوز دورىسى ۋە روھىي كېسەللىكلەر دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى» «دورا ئورنىدا ئىشلىتىلمەيدىغان ناركوز دورىسى ۋە روھىي كېسەللىكلەر دورىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلارنى «دورا ئورنىدا ئىشلىتىلمەيدىغان ناركوز دورىسى ۋە روھىي كېسەللىكلەر دورىسىنى باشقۇرۇش تۈرىنىڭ قوشۇمچە مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. «فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلار» خىمىيەلىك قۇرۇلمىسى فېنتايل بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندىكى بىر ياكى بىرقانچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ: بىرىنچى، پىروپىيونىلنىڭ ئورنىغا باشقا ئاتسىل ئىشلىتىلگەن ماددىلار؛ ئىككىنچى، ئازوت ئاتومى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان فېنىلنىڭ ئورنىغا ئورنى ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغان ھەر قانداق مونو ھالقىلىق ئاروماتىك گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن ماددىلار؛ ئۈچىنچى، پىپېرىدىن ھالقىسىدا ئالكىل، ئالكېن، ئالكوكسىل، ئېستېر، ئېفىر، گىدروكسىل، گالوگېن، گالوئالكان، ئامىنو رادىكالى ۋە نىترو رادىكالى قاتارلىق ئورۇن ئالغۇچى رادىكال بار ماددىلار؛ تۆتىنچى، فېنېتىلنىڭ ئورنىغا باشقا ھەرقانداق رادىكال ئىشلىتىلگەن (ھىدروگىن ئاتومىدىن باشقا) ماددىلار.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر