باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :

شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىدۇ

2019.04.03 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كەسپىنىڭ ساغلام ۋە سىجىل تىجارىتىنى يەنىمۇ قوللاپ، ئايلىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى 2- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئالغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كەسپىدە ئۈچ يىللىق سۇغۇرتا كاپالەت فوندى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2021- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ.

  سۇغۇرتا كاپالەت فوندى بولسا، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پائالىيىتى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى قانۇن بويىچە ۋەيران بولغان، ئۇنىڭ ئېنىقلانغان مال-مۈلۈكلىرى سۇغۇرتا تالونىنىڭ مەنپەئەتىنى تۆلەشكە يەتمەيدىغان ياكى شىركەتتە زور خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەھۋاللاردا، سۇغۇرتا تالونىنىڭ ئىگىسى، سۇغۇرتا تالونىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى شىركەت ياكى سۇغۇرتا كەسپىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرىدىكى ساھەلەر قاتارلىقلارنىڭ خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇش فوندىنى كۆرسىتىدۇ. فوند مەنبەسى ئاساسلىقى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شۇ يىللىق سۇغۇرتا ھەققى كىرىمىدىن، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان كەسىپ تۈرىگە ئاساسەن نىسبەت بويىچە تاپشۇرۇشتىن كېلىدۇ.

  بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ بىر خىل كېڭىيىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تىجارىتىدە، «كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى ۋە دەسمايىنى ساقلاپ ئاز پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىپ، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.ئۇ خىل پىرىسىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سۇغۇرتىغا قاتناشقان بىمارلارنىڭ كاپالەت دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىمۇ ئېشىپ، كېسەل بولۇپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلدى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۈچلۈك مەدەت بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر