باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا "تەنھالىقنى خالاش كېسىلى" كۈنىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2019.04.03 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- نۆۋەتلىك دۇنيا "تەنھالىقنى خالاش كېسىلى" كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك "تەنھالىقنى خالاش كېسىلى" ۋە بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بىرلىشىپ، بېيجىڭدا "سىز بىلەن ئوخشاش" تېمىسىدىكى 2019- يىللىق دۇنيا "تەنھالىقنى خالاش كېسىلى" كۈنى جۇڭگو رايونىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە بولغان تونۇشى ۋە دىققىتىنى ئاشۇردى .

  پائالىيەت مەزمۇنى تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە خالىسانە سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار شۇ كۈنى ئادەتتىكى بالىلار ۋە جامائەت پاراۋانلىقى زاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويدى، ھەمدە تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چوڭ ياشتىكى كىشىلەرگە بىر مەيدان ئۇنتۇلغۇسىز تۈردىكى چوڭلار مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چوڭ ياشتىكى كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن، "يۇلتۇز قانىتى پىلانى" ئېلان قىلىندى. "يۇلتۇز قانىتى پىلانى" بولسا، جەمئىيەت مۇھىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىغا تەقلىد قىلىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەشىق قىلىپ ۋە قوشۇمچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر