باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە بىر تۈركۈم ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەر توپىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولدى

2019.04.03 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2- چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە جۇڭگوچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپ قۇرۇلۇشى پىلانى سۈپىتىدىكى (« قوش يۇقىرى پىلان»)نى يولغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە بىر تۈركۈم ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەر توپىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگوچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپ قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە،كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، 50 ئەتراپىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە 150 ئەتراپىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەر توپى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدا، 2022- يىلىغا بارغاندا، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەر توپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى، خەلقئارا تەسىرى كۆرۈنەرلىك ئۆسىدىكەن. كەسپىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە 10 مىليونچە يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا-ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچىگە ئايلاندۇرىدىكەن. مۇشۇ پىلان بويىچە، 2035- يىلىغا بارغاندا، بىر تۈركۈم ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەر توپى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يېتىدىكەن، نەتىجىدە، ئۇلار كەسپىي مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئەلا سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر