باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياشلىق ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

2019.04.03 10:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ چاقىرغۇچىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ياشلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2020−2017-يىل)»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ياشلار خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياشلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىدىكى ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە تونۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، پائال مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەزىپە -مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جەزمەن پارتىيە ياشلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنى ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى يادرو قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ياشلار ئارىسىغا يەتكۈزۈپ، كەڭ ياشلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، قىممەت جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. جەزمەن ماركسىزملىق ياشلار قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي ئېقىمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ياشلار تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى دۆلەت نەزەرىدە تۇرۇپ تونۇپ، ياشلار ئىشلىرىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەزمەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى 2020−2017-يىل)»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشنى كۈچەيتىپ، ياشلار تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جەزمەن مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، كېسىشىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ياشلارنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جەزمەن خىزمەت ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇسۇل ۋە شەكىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ياشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ياخشى يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ماسلاشتۇرىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ياشلار ئىشلىرىنىڭ مېخانىزم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ھەر تەرەپلىمىلىكى، ماسلىشىشچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياشلىق ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر