باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.04.04 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3- ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، بۇ يىل ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدىغانلىقى بېكىتىلدى؛ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان بۇيۇملاردىن ئېلىنىدىغان پوچتا بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىمپورت ۋە ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ماسلىشىش ۋە سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنىڭ بىر تۈركۈم قانۇن تۈزىتىلمىلىرى لايىھەسى ماقۇللاندى؛ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش، دورا كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ۋە دورا تەمىنلەش-داۋالاش قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئاممىنى دورا ئىشلىتىش ۋە داۋالىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققىنى كېمەيتىش، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھەققى ۋە يىللىق ھەق قاتارلىقلارنىڭ كېمەيتىپ تاپشۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، شەخسىيلەرنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بىجىرىش، قىسمەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە ئاپتوموبىل تورى قاتارلىق سىمسىز تېلېگراف چاستوتىلىرىنى ئىگىلەش ۋە ئۇلاردىن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش، ھەمدە چوقۇم روشەن ھالدا ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن، گاراژلار ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر بىرى 550 يۈەندىن 80 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلىدۇ، تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۇنى رويخەتكە ئېلىشقا ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 1000 يۈەندىن 500 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى فوندى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيەسى تەرەققىيات فوندى قاتارلىقلارنى ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ يېرىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەركەزگە قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن مەدەنىيەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ھەققىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئېلىش، ھەمدە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرگە %50 دائىرىدە يەرلىك كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە شەخسلەردىن بۇ تۈردىكى ھەقلەرنى كېمەيتىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشىنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا مەبلەغ سېلىش، ھەمدە مەبلەغ سوممىسى %30 بويىچە شۇ يىلى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسى ۋە يەرلىك مائارىپ قوشۇمچىسىنى توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۇلىدۇ. يىغىندا يەنە كۆچمە تورلارنىڭ ئېقىم مىقدارى ۋە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور ھەقلىرىنى بىر يىلدا تەخمىنەن 180 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىش، ئادەتتىكى سودا-سانائەتنىڭ ئوتتۇرىچە توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، تۆمۈريول ماللىرىنىڭ ئىجرا قىلىش-توشۇش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، پورت ھەققىنى كېمەيتىش ۋە قوشۇۋېتىش، پۇقرالارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئېتىراپ قىلىش رەسمىيەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر بېكىتىلدى. يۇقىرىقى تەدبىرلەردە ئېيتىلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، مەمۇرىي ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش قاتارلىقلارغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىشكە ئائىت باشقا تەدبىرلەرنىمۇ قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر سۈپىتىدە يولغا قويۇش نەتىجىسىدە، پۈتۈن بىر يىلدا كارخانا ۋە ئاممىنىڭ يۈكى 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك يېنىكلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر