باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ باشلىنىش فىلىمى قىلىپ بېكىتىلدى

2019.04.09 15:44   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ باشلىنىش فىلىمى قىلىپ بېكىتىلدى

  سۈرەتتە: 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى شەنشىنىڭ يەنئەندە سۈرەتكە تارتىلغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىمنىڭ جۇڭگودىكى قىسمىنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى 13-ئاپرېل باشلىنىدۇ. جۇڭگو- قازاقىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمىنىڭ باشلىنىش فىلىمى قىلىپ بېكىتىلدى. فىلىمگە دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك رېژىسسور، ئىلگىرى «پيوڭياڭدا ئۇچرىشىش»، «مېھىر-مۇھەببەت»، «مەمەتنىڭ 2008-يىلى» ناملىق كىنولارغا رېژىسسورلۇق قىلغان داڭلىق رېژىسسور شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان، خۇ جۈن، يۈەن چۈەن، ئارۇجان جازىلبەكوۋا ۋە بەرىك ئايىتجانوف قاتارلىق جۇڭگو ۋە قازاقىستاننىڭ داڭلىق ئارتىسلىرى بىرلىكتە رول ئالغان بولۇپ، جۇڭگولۇق داڭلىق مۇزىكانت شيەن شىڭخەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكى، قازاقىستان مۇزىكانتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇزىكا ئىجادىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو-قازاقىستان خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى تۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەنلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن تۇنجى كىنو بولۇپ، 2017-يىلى 10- ئاينىڭ 10-كۈنى يەنئەندە جۇڭگودىكى قىسمىنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ فىلىم شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدىكى ئادىمىيەت ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر ھېسابلىنىدۇ.

  كىنوغا يەنئەندىكى لۇ يى، شيەن شىڭخەينىڭ كونا تۇرالغۇسى قاتارلىق جايلارنىڭ مەنزىرىسى ئېلىنغان، كىنودا كومپوزىتورنىڭ «خۇاڭخې چوڭ خورى»نى ئىجاد قىلىش ئەھۋالى ۋە شيەن شىڭخەي بىلەن ئايالى چيەن يۈنلىڭ، قىزى شيەن نىنانىڭ ھايات-ماماتلىق ئايرىلىش مەنزىرىسى نامايان قىلغان بولۇپ، شيەن شىڭخەينىڭ تەسىرلىك ۋەتەن ھېسسىياتى سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

  بۇ فىلىم رېژىسسور شىرزات ياقۇپ «پيوڭياڭ شەرتنامىسى»دىن كېيىن رېژىسسورلۇق قىلغان يەنە بىر خەلقئارالىق فىلىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خە…
    ·ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت ئون تۈرلۈك مىزانغا خىلاپلىق قىلغان تۆت …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئ…
    ·خەلق گېزىتىدە مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز تۆلەش قالايمىقانچىلىقى ئەڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن …
    ·دۆلىتىمىز ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە…
    ·2019- يىللىق بېيجىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپكە كىرىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشقۇرۇش رايونى ۋە مەكتەپ رايونى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە نىسپىي م…
    ·ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا