باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى پىكىر تارقاتتى

ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.04.09 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى 2.0نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. ئۇ «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قوۇلدى: 2022- يىلىغا بارغاندا، مەكتەپنى ئاساس قىلغان ۋە دەرسخانا ئاساسىدىكى، ھەمدە ئەمەلىي قوزغىتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەم شۇنداقلا دەل جايىدا باھالىيالايدىغان يېڭىچە مېخانىزمنى، يەنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكە يېڭى مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئارقىلىق جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇچۇرلاشقان رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، تەربىيەلەش ئەترىتىنىڭ ئۇچۇرلاشقان يېتەكچىلىك ئىقتىدارى دېگەندەك ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «پىكىر»دە مۇنداق تۆت چوڭ ۋەزىپە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن: بىرىنچىسى، پۈتكۈل مەكتەپنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، «ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ئىككىنچىسى، پەرقنى كۈچەپ كىچىكلىتىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، كەسپىي سەۋىيەسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن. ئۈچىنچىسى، تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. تۆتىنچىسى، مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈش، بايلىقنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئوقۇشقا ياردەم بېرىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋەئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى مائارىپ تەپتىشلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىملىق كۆزىتىش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر