باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

قەتئىي تۈردە مائارىپ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.04.08 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2019- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىش خىزمەت لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى ھەم مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى تيەن ۋېن، جى جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم قارالما قاتارىغا قويۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش، مۇھەببەتتە چوڭقۇر بولۇش، تەپەككۇر يېڭى بولۇش، نەزەر دائىرە كەڭ بولۇش، تەلەپچان بولۇشتا قاتتىق بولۇش، پەزىلەتتە دۇرۇس بولۇش ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بارغانسېرى ياخشى تەشكىللەپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە مائارىپ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىناق بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى، بولۇپمۇ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، ماكرولۇق يېتەكلەش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىپى بويىچە، دىققەتنى نۇقتلىق ساھەلەرگە، مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر