باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەمىن ئۆينىڭ يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بارلارنى تولۇق قاپلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2019.04.08 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۆيىمىز ئىلگىرىكىدىن چوڭ، تۇرالغۇ شارائىتىمىزمۇ ئىلگىرىكىدىن راھەت، سافا، ساجى ۋە كارىۋاتنىڭ ھەممىسىنى يېڭىدىن سېتىۋالدۇق، كۆكتات سېتىۋېلىش، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ھەممىسى شۇنداق قولايلىق.» 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسى ئاقچى بازىرى جالاڭچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دەنساق دولقۇن تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى يەتكۈزدى. بۇلتۇر 10- ئايدا، دەنساق 50 مىڭ يۈەن تۆلەپ، 80 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنىدى.

  يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، دەنساق بىلەن خوتۇنى ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، بۇنىڭغا ھەر ئايدىكى 2000 يۈەن چېگرا قوغدىغۇچىلىق تولۇقلىمىسى قوشۇلۇپ دەنساقنىڭ ھەميېنى تومپىيىپ، بۇلتۇر ئوڭۇشلۇق ھالدا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدا، دەنساق ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش تاغدىن چىقىپ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن ئائىلىلەر ئاز ئەمەس، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، يولنىڭ بويىغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلدى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن دېھقان - چارۋىچىلار زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتە.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 14 مىليارد 316 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 282 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملىغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكت (ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نامرات مېيىپلەر ئائىلىلىرى)تىن 173 مىڭ 200 ئائىلە، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 69 مىڭ ئائىلىلىك يېڭى تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرگەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي شارائىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردا 210 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى، يېزىلاردىكى قېپقالغان تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاشنى پىلانلىدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بارلىق يېزىلىرىدىكى تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى يېزا ئەمىن ئۆيى بىلەن تولۇق قاپلاش خىزمەت نىشانى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئەمىن ئۆيى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر