باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

186 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

كېرەكسىز قوغۇشۇنلار ۋە كىسلاتالىق باتارېيە قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش تېخىمۇ قېلىپلىشىدۇ

2019.04.09 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8- چېسلا بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش دۆلەتلىك باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش دۆلەتلىك باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈش-باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا «كېرەكسىز قوغۇشۇنلار ۋە كىسلاتالىق باتارېيە قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش تېخنىكا قائىدىسى» قاتارلىق 186 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان.

  مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە، «كېرەكسىز قوغۇشۇنلار ۋە كىسلاتالىق باتارېيە قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش تېخنىكا قائىدىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا، كېرەكسىز قوغۇشۇنلار ۋە كىسلاتالىق باتارېيە قاتارلىقلارنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش، يۆتكەش جەريانىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن. بۇ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ كېرەكسىز قوغۇشۇنلار ۋە كىسلاتالىق باتارېيە قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن تەكرار پايدىلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىككىلەمچى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كېرەكسىز باتارېيەلەرنى يىغىۋېلىش كەسپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ.

  ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكى ساھەسىدە، «ئاپتوموبىل يان تۈۋرۈكىنىڭ سوقۇلۇشىدىن كېيىنكى خادىملارنى قوغداش» دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا، قاتناش ھادىسىسىدە ئادەم يارىلىنىش دەرىجىسى ئادەتتە بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىغان ئاپتوموبىل يان تۈۋرۈكىنىڭ سوقۇلۇشىغا قارىتا، تېخنىكىلىق تەلەپ ۋە سىناق ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن. بۇ، ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش، يول قاتناش ھادىسىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش- يارىلىنىشىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ساھەسىدە، «شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى ئىچىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت قائىدىسى» قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا، توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدە ساقلىنىۋاتقان ماي ماشىنىسى ئورۇن ئىگىلەش، ئىككى ئۆلچەملىك كود ئېنىق بولماسلىق ۋە بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى توك قاچىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تىجارىتى جەريانىدىكى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن، ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك توك قاچىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ساھەسىدە، «كۆچمەس مۈلۈك بىرلىكىنى بېكىتىش ۋە كود تۈزۈش قائىدىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا، كۆچمەس مۈلۈك بۆلىكى ۋاسىتە قىلىنغان ھالدىكى كۆچمەس مۈلۈك بۆلىكىنى كودلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن، يەر، ئۆي، ئورمان ۋە دەل- دەرەخ، يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئورمان يېرى، ئوتلاق، دېڭىز تەۋەلىكى، ئاھالىسىز ئارال قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكلەرنى بىر تۇتاش تىزىملاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ، سودىلاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، تىزىملاشنىڭ ئاشكارىلىشىش ۋە ئىناۋەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بىرلىككە كەلگەن ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىقلارغا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر