باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىچۈەن مۇلى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خەن جېڭ گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى

2019.04.08 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لياڭشەن كۆز يېشى قىلدى، چيۇڭخەي ھەسرەتكە چۆمدى. 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، سىچۈەننىڭ مۇلى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى شىچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 30 ئىنقىلابىي قۇربانغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، ئوت ئۆچۈرۈش جېڭىدە قەھرىمانلارچە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمانلار - قۇربانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى! ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى! ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى!

  تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى نەق مەيدانى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك بولۇپ، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا 30 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى، ئىككى تەرىپىگە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەر مىللەت ئامما تەقدىم قىلغان گۈلچەمبىرەك، گۈل سېۋەتلىرى قويۇلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى باشلاندى. نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، ۋاپات بولغان قەھرىمانلارنى چىن كۆڭلىدىن ياد ئەتتى ۋە چوڭقۇر ئەسلىدى. سىچۈەندىكى مۇلى ئورمان ئوت ئاپىتىدە 27 نەپەر ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەزاسى ۋە ئۈچ نەپەر يەرلىك كادىر، ئامما قۇربان بولدى. جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باھالاپ بېكىتىش، 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قېلىش توغرىسىدىكى تەستىق ۋە بۇيرۇقنى ئوقۇدى.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ بىر مەيدان قانلىق ۋە كەسكىن، ھايات - ماماتلىق سىناق ئالدىدا، جەڭگە قاتناشقان بارلىق خادىملار ئاپەت ئەھۋالىنى بۇيرۇق دەپ بىلىپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە «جاپادىن قورقمايدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاش»تەك جاراڭلىق قەسىمىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بۇ قېتىم قۇربان بولغان قەھرىمانلار - قۇربانلار دەل بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىپىك ۋەكىللەر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۆگىنىش ئۈلگىسى! ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخ بېتىگە مەڭگۈ خاتىرىلىنىدۇ! ھەر دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامى قاتتىق بولۇش، سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانماسلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك كەسكىن ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

  جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى 3000دىن ئارتۇق كىشى تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مىنىستىرلىق ئورگىنىدا تەزىيە بىلدۈرۈش زالى تەسىس قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى تەڭ قەدەمدە قانات يايدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر