خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، پايتەختتىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دەرەخنى سۆيۈش، كۆچەت تىكىش، دەرەخنى ئاسراش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ھەرىكەتكە كېلىپ، ئومۇمىي خەلق قول سېلىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
باھار كېلىپ زېمىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجوۋ رايونى يۇڭشۈن بازىغا كېلىپ، پايتەخت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
كۆچەت تىكىش نۇقتىسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى لۈشىن شەھەر ئورمىنى باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 500 مو كېلەتتى. بۇ يەردە ئەسلى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بولۇپ، كۆچۈرۈلۈپ يۆتكەپ بوشىتىلغاندىن كېيىن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى، كەلگۈسىدە بۇ جاي ئاممىنىڭ ئارام ئالىدىغان پائالىيەت سورۇنىغا ئايلىنىدۇ.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا گۈرجەكنى قولغا ئېلىپ، كۆچەت تىكىش ئورنىغا ماڭدى. بۇ يەردە كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس-بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم پايتەختتىكى كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە گۈرجەك بىلەن ئورا كولاپ، توسۇق قىلىپ سۇغۇرۇپ ئالدىراش كۆچەت تىكىشكە كىرىشىپ كەتتى.
قىزىل قوۋزاقلىق قارىغاي، ياپونىيە ئاكاتىسىيىسى، كۇلى ئارچىسى، ئاق گۈللۈك ماگنولىيە، ئاق كورنىس چاتقىلى، يېشىل شاپتۇل... شى جىنپىڭ ئارقا-ئارقىدىن يەتتە تۈپ كۆچەت تىكتى. ئۇ ئەمگەك قىلغاچ، ئەتراپىدىكى پىيونېرلاردىن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىش ئەھۋاللىرىنى سوراپ، ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپ تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ ۋەتەننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تاپىلىدى، ئۇلارنىڭ كۆچەتكە ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلىدى.
كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. ئەمگەككە قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆچەت قويۇپ، يىلتىزىنى كۆمۈپ، سۇغىرىپ، پات-پات ئەتراپىدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ئېكولوگىيەنى ئاسراش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش قارىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆچەت تىكىۋاتقان ئارىلىقتا، شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆچەت تىكىش بايرىمى تەسىس قىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى، ئورمان زاپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئېشىپ، سۈنئىي ئورمان كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى، ئېلىمىزنىڭ دۇنيادىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قەرزى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ، ئورمان قىس، كۆكەرتىش كۆلىمى كىچىك، ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولۇش يەنىلا زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
مەنبە: خەلق تورى