باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.04 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14- قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 - سېپىدە ئۈن-تۈنسىز ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتى خەلق ئاممىسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىدىغان ئەخلاقى-سىياسىي جەھەتتىكى ياخشى تەدبىر. ھازىر ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەكنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئېغىر مېيىپلار، ئېغىر كېسەللەر، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆۋەن كاپالەتلىك ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان « قىيىن ئىش » نى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. بېرىش،باشقۇرۇش،مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشكە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئېھتىياجغا ماسلاشقان مەھەللىلەردە كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى بېيىتىپ ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك . ئىجتىمائىي خىزمەت ۋە خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ؛ ھەممە ئادەم قاتنىشىپ ، ھەممە ئادەم تىرىشىپ ، جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنى تېخىمۇ ئىللىق ، ئىناق قىلىش كېرەك . ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، خەلق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، خەلق ئىشلىرىنى قوللاپ ؛ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ؛ ئىقتىسادنىڭ سىجىل ،ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يوڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە يىغىندا مۇنداق دېدى : باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كاپالىتى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئورۇنلاپ ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، خەلق ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تىرىشىپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك .

  شياۋ جيې ، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى .

  14- قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ۋەزىپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ ، شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خەلق ئىشلىرى ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش .

  ھەر قايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزىلىدىغان شەھەرلەر ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ، مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، « رۇزىنيۇ مۇكاپاتى » غا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر