باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تورداش ئۈندىدار توپىدا لياڭشەندىكى ئوت ئۆچۈرۈشتە قۇربان بولغانلارنى ھاقارەت قىلغانلىقتىن، گۇاڭجۇ ساقچى تارمىقى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى

2019.04.09 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭجۇ ساقچى تەرەپ 7-ئاپرېل، ئۈندىدار توپىدا لياڭشەندىكى ئوت ئۆچۈرۈشتە قۇربان بولغانلارنى ھاقارەتلىگەن بىر تورداشنى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان.

  گۇاڭجۇ ساقچى تەرەپنىڭ 8-ئاپرېلدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، 5-ئاپرېل چىڭمىڭ بايرىمىدا، كىشىلەر ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئەجدادلىرىنى ئەسلەپ، قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، ئۈن-تىنسىز تەزىيە بىلدۈرگەن مەزگىلدە، بىر ئۈندىدار توپىدا سىچۈەن لياڭشەندىكى ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانلىرىنى ھاقارەتلەيدىغان نۇرغۇن ناچار سۆزلەر ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان.

  7-ئاپرېل، گۇاڭجۇ ساقچى تەرەپ تورداشلارنىڭ پاش قىلىشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ ھاقارەتلەش سۆزلىرىنى ئېلان قىلغان گۇماندار خۇاڭ Xنى جەزملەشتۈرگەن ھەمدە شۇ كۈنى سائەت 13 لەردە گۇاڭجۇنىڭ لىۋەن رايونىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىدا ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن.

  جىنايەت گۇماندارى خۇاڭ Xنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، تور ئەھلىنىڭ ئۆزلۈكىدىن لياڭشەندىكى ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قارىتا، ئۇ ئۈندىدار توپىدا بۇ ھەقتە ھاقارەت خاراكتېرلىك سۆز قىلغان. نۆۋەتتە، گۇاڭجۇ ساقچىلىرى گۇماندار خۇاڭ Xنى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېجىرىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر