باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش تەنچىسىنى بايقىدى

دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى

2019.04.08 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئالىملىرى ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى «قاراۋۇل» − «كېسەللىككە قارشى كىچىك تەنچە»نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى تۇنجى قېتىم بايقاپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئالاقىدار نەتىجىلەر 5-ئاپرېل خەلقئارا نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال «ئىلىم- پەن»گە بېسىلىپ، توردا ئېلان قىلىندى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى چەي جىجيې ئەترىتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىرسىيەت ۋە يېتىلىش بىيولوگىيەسى تەتقىقات ئورنى جوۋ جيەنمىن ئەترىتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاڭ خۇڭۋېي كوللېكتىپىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقاتىدا كېسەلگە قارشى ئاقسىلىدىن تەركىب تاپقان كېسەلگە قارشى كىچىك تەنچىنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭ تورمۇزلىنىش ھالىتى، ئارىلىق ھالىتى ۋە بەش پولىمېرلىق ئاكتىپلىشىش ھالىتىدىكى توڭلىتىش ئېلېكتىر ئەينىكى قۇرۇلمىسىنى يېشىپ بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن كېسەلگە قارشى ئاقسىلنى كونترول قىلىش ۋە ئاكتىپلاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق مولېكۇلا مېخانىزمىنى ئېچىپ بېرىپ، كەلگۈسىدە كېسەلگە قارشى ئاقسىلدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، كېسەلگە قارشى ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن.

  چەي جىجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېسەلگە قارشى ئاقسىلدىن پايدىلىنىپ كېسەلگە، زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى يېڭى تىپتىكى سورتلارنى لايىھەلىگەندە، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش زور دەرىجىدە ئازايتىلىدىغان بولۇپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يادرولۇق نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر