باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ دوكلاتى ئەر-ئاياللارنىڭ كۆزلىمە ئۆمرىدە پەرق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ئېچىپ بەردى

2019.04.08 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيانىڭ مەيلى قايسى يېرىدە بولسۇن، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ياشايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئامىللاردىن، يەنى، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاشقا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن، ئەرلەرنىڭ ئەسلىدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ۋە داۋالىغىلى بولىدىغان يۇقۇمسىز كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن، ئەرلەرنىڭ يول قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچىراش ۋە ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشى دېگەندەك ئامىللاردىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلگەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7- ئاپرېلدىكى «دۇنيا سەھىيە كۈنى» يېتىپ كېلىش پەيتىدىكى بۇ كۈننى ئالاھىدە تاللاپ، « 2019- يىللىق دۇنيا سەھىيە ستاتىستىكىسى»نى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا تۇنجى قېتىم جىنسقا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق. دوكلاتتا بايقىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا ئاياللارنىڭ كۆزلىمە ئۆمرى ئەرلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، باي ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەن .

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلۈمگەزامىن بولىدىغان 40 ئاساسلىق سەۋەب ئىچىدە، 33 خىل سەۋەب ئەرلەرنىڭ كۆزلىمە ئۆمرىنىڭ ئاياللارنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشىغا زامىن بولىدىكەن. مەسىلەن، 2016- يىلى 30 ياشلىق بىر ئەرنىڭ 70 ياشتىن بۇرۇن كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئاياللارنىڭكىدىن %44 يۇقىرى بولغان؛ 2016- يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا %75 يۇقىرى بولغان؛ 15 ياشتىن يۇقىرى ئاھالىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈش نىسبىتى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن؛ ئەرلەرنىڭ قاتىللىق دېلوسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئاياللارنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر