باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى

سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.04.08 14:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2018- يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتى ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ، 2019- يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2019- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى «تۆتلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سوت قىلىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، سىياسىي - قانۇن خىزمىتى، سوت مەھكىمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەدلىيە ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇش كېرەك؛ ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر