باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېتەكچى پىكىر تارقاتتى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2019.04.08 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، سودا مۇھىتى، جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ۋە ئىچكى بازار مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار دۇچ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۆرلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدىكى خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، رىقابەت پىرىنسىپى بويىچە ئادىل، قولايلىق تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپلەشكەن تەرەققىيات ئىقتىدارى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۈرۈشتۈرۈلگەن تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر