باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقات- تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى باشلاندى

2019.04.04 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، 2019- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى 3-مارت چۈشتىن كېيىن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، 2019- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارغا بولغان دەۋر چاقىرىقىنى تەشۋىق قىلدى، شاڭخەي شەھەرلىك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنى 2019- يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تونۇشتۇردى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى ۋە ئىستۇدېنتلار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ۋە ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش كەچۈرمىشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بىلىم بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىدە «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم بىلەن ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ گازارمىغا بېرىپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھام بېرىلگەن ۋە يېتەكلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر