باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك ئېلاستىكىلىققا ئىگە ماتېرىيال تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلدى

2019.04.04 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆمۈچۈك يىپى بولسا، سوزۇلۇش سىجىللىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خىل تەبىئىي ماتېرىيال. ئەنخۇي يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ جۇڭكەي ئەترىتى ئۆمۈچۈك يىپىدىن ئىلھام ئېلىپ، ھەمدە ئابدىمىلىك مېيىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، يېقىندا، تارتىشقا چىدامچانلىقى 200 مېگاپاسكالدىن ئاشىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك ئېلاستىكىلىققا ئىگە ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىقتىكى جانلىقلار ماددىسىنىڭ يۇقىرى قىممەتكە ئايلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. خەلقئارا نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت. خەۋەرلىشىش»تە يېقىندا بۇ نەتىجە ئېلان قىلىندى.

  بەزى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمۈچۈك يىپىنىڭ مېخانىكىلىق سوزۇلۇش كۈچىنىشى ئەڭ كۈچلۈك بولغاندا 800 مېگاپاسكالغا يېتىدىكەن. 800 مېگاپاسكال دېگەنلىك، ئۇ ئەمەلىيەتتە، بىر قېرىنداش قەلەمدەك توملۇقتىكى ئارانېيە دىئادېماتا ھەجمىدىكى ئۆمۈچۈك يىپىغا باراۋەر بولۇپ، مۇشۇنداق توملۇقتىكى ئۆمۈچۈك يىپى ئارقىلىق، ئۆز ئېغىرلىقى 180 توننا كېلىدىغان، سېكۇنتىغا 80 مېتىرلىق تېز سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەپ يەرگە قونىۋاتقان بىر بوئىن 747 تىپلىق ئايروپىلاننى ئاسماندا تارتىپ تۇرىۋېلىپ يەرگە قوندۇرمايدۇ. ۋاڭ جۇڭكەي ئەترىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ يېڭى تىپتىكى ماتېرىيالنىڭ تارتىلىشقا چىدامچانلىقى 200 مېگابادىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى ئىلگىرىكى چىدامچانلىقى ئومۇميۈزلۈك ھالدا نەچچە ئون مېگاپاسكال سۈنئىي ئېلاستىكىلىق ماتېرىيال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىدار جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر