باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يىراقتىن داۋالاش بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

«ئالاقەتورى+داۋالاش، ساغلاملىق»نىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى

2019.04.04 14:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يىراقتىن داۋالاش بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ جىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ئاچقان «ئالاقە تورى+داۋالاش، ساغلاملىق» خەلققە قولايلىق يارىتىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىچە داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى بۇلۇت سۇپىسى قۇرۇپ، «ئالاقە تورى+داۋالاش، ساغلاملىق» مۇلازىمەت ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئالاقە تورى+داۋالاش، ساغلاملىق» ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن قىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون سەھىيە، ساغلاملىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون) ئۈچ دەرىجىلىك مەۋھۇم بۇلۇت سۇپىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2-، 3- دەرىجىلىك 126 ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بۇلۇت سۇپىسىغا ئۇلاندى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتى بۇلۇت سۇپىسىغا تايىنىپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئىككى يىراقتىن داۋالاش شۆبە مەركىزى، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىشىش تورى قۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يىراقتىن داۋالاش بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قىسمەن ناھىيە(شەھەر)لەر يېزا - بازار يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسىنى ئاچتى ھەم يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىي 200 مىڭدىن ئارتۇق كېسەلگە يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ، شىنديەنتۇ ئارقىلىق يىراقتىن دىياگنوز قويۇش، تەسۋىر سۈرەت ئارقىلىق يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ۋە يىراقتىن پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى 500 نەچچە مىڭ قېتىم قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشىغا قولايلىق ياراتتى.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 30 تۈرلۈك خەلققە قولايلىق يارىتىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويدى، مەسىلەن، كېسەل كۆرسىتىش كارتىسىنى يان تېلېفون نومۇرىغا چېتىپ كۆچمە قىممەت تولۇقلىغىلى بولىدىغان بولدى، «تېز سۈرئەتلىك يول» قۇرۇلۇشى كېسەل كۆرسىتىشنى ساقلاش ھالقىلىرىنى ئىخچاملىدى، قىسقارتتى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى «داۋالىنىش ھەممىباب كارتىسى» ئورنىدا ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېسەل كۆرسىتىش كارتىسىنى تەكرار بېجىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ «ئۇچۇر سىستېمىسى+يان تېلېفونAPP» شەكلى ئارقىلىق ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم تۈزگەن ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئائىلە دوختۇرى ۋە كېلىشىم تۈزگەن ئاھالىلەرنى ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېسەللەرنىڭ قايتما ئىنكاسى، ساغلاملىقنى باشقۇرۇش قاتارلىق قولايلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنى داۋالاش، ساغلاملىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ گاڭچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش، ساغلاملىق ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئامما كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش جەھەتتە ئەڭ غەم قىلىدىغان، ئەڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كېسەل كۆرسىتىش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەسىراتىنى ياخشىلايدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاھالىلەرنى تولۇق قاپلىغان، پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە ئىگە، تولۇق خىزمەت تەرتىپى بولغان داۋالاش، ساغلاملىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاممىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر