باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى

بالا چولپان ئېففېكتىنى تەرغىپ قىلىش، چولپانلارنىڭ بالىلىرىنى كۆپتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ

2019.04.04 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 3-ئاپرېل «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پىروگراممىلىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى نام- مەنپەئەت، مۇھەببەت قاتارلىق تېمىلارنى تىلغا ئېلىشقا ئۈندەشكە بولمايدۇ، بالا چولپانلار ئېففېكتىنى تەرغىب قىلىشقا ياكى چولپانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆپتۈرۈشكە بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، قوللاشقا بولمايدۇ. بۇ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى 2019-يىل 4-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە توردا كۆرۈش-ئاڭلاش پىروگراممىلىرىدا بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىش، چولپانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆپتۈرۈش، «بالا چولپان» ئويدۇرۇپ چىقىش، «قۇرامىغا يەتكەنلەرنى دورايدىغان» نومۇر ئورۇنلاش، چاكىنا مەسخىرە قىلىش، شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئايرىم نومۇرلاردا «سودىلاشقان، قۇرامىغا يەتكەنلەرنى دورايدىغان ۋە زىيادە كۆڭۈل ئېچىش» خاھىشى ساقلانغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پىروگرامما ئىشلەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يېتەرلىك ئۆگىنىش، دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەك، ئويۇن قويۇشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاشقا ياكى ئۇلاردىن بۇ ئۇچۇرلارنى سوراشقا، دېيىشكە ئازدۇرۇشقا بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن كۆز قارىشىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پىروگراممىسىدا مۇسابىقە رەت تەرتىپى تەسىس قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، بەك يۇقىرى ماددىي مۇكاپات تەسىس قىلىشقا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى نەق مەيداندا بېلەت توپلاشقا ئازدۇرۇشقا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ چىقىش تەسىراتىنى سوراشقا بولمايدۇ؛ ھېسسىيات، ھېكايە تۈرىدىكى، زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىش تۈرىدىكى پىروگراممىلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك، ئائىلىدىكى زىددىيەت، ماجىرالار توغرىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە نەق مەيداندا مۇرەسسە قىلىشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئائىلىدىكى زىددىيەت، توقۇنۇش ۋە ھېسسىيات ماجىرالىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پىروگراممىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىكى ھەرقانداق شەكىلدە سىناق ئېلىپ بېرىشقا، ناچار ھادىسە ۋە غەيرىي ئەقلىي كەيپىياتنى چوڭايتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 10 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلان ۋاكالەتچىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا سائىتىگە قويۇلىدىغان ئېلان 12 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردا كۆرۈش-ئاڭلاش پىروگراممىلىرىنى كۆرسىتىش ياكى كۆرسىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش جەريانىدا ئېلان قىستۇرۇشقا، كۆرسىتىشكە بولمايدۇ، مەزمۇنىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى ئېلان ۋاقتىنى 30 سېكۇنتتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر