باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ھەم يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.04.04 14:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايون ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش، ئوزۇقلۇق ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزىلاردىكى 1- ، 2- ، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، ماشىنىلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مېتېئورولوگىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، لاپاس ئۆيلەرنى ئېنىقلاش، تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يېزا ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تاماملاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر