باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلەردىكى قارا سېسىق سۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى

2019.04.04 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىل ئىچىدە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش پۈتكەن رايونلىرىدا قارا سېسىق سۇنى تۈگىتىش نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەرلەردىكى قارا سېسىق سۇ چىقىرىشنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى تۈزۈپ تارقىتىپ، 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش پۈتكەن رايونلىرىدا شەھەر - بازارلارنى پاسكىنا سۇنى توسۇش تۇرۇبىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش، قارا سېسىق سۇنى تۈگىتىش نىسبىتىنى %90تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى، باشقا شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش پۈتكەن رايونلىرىدا قارا سېسىق سۇنى تۈگىتىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەرلەردىكى قارا سېسىق سۇ چىقىرىشنى تۈزەشتە، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە بويسۇنۇپ، تەبىئەتنى قوغداپ، يۇقىرى - تۆۋەنكى ئېقىن، ئوڭ - سول قىرغاق، يەر ئۈستى - يەر ئاستىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر مۇھىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بۇلغىنىشنى مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق تۇتۇش؛ شەھەرلەردە ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ تارماقلار، رايونلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە باشلامچى تارماقلار، مەسئۇل تارماقلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش؛ ئاممىۋى نازارەتچىلىك يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا تولۇق قوزغاپ، تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا، كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى شەھەرلەر مەخسۇس تۈر بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى قەرەللىك تەشكىللىشى، بولۇپمۇ ئىگىلىگەن سۇ بۇلغىنىش ئەھۋالى ۋە ئامما ئەرز قىلغان، پاش قىلغان ئەھۋاللارغا قارىتا كەسكىن ھالدا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى بويىچە يەنە بىر قېتىم باھالاپ بېكىتىشى؛ تۈزەشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان شەھەرلەردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن قارا سېسىق سۇغا قارىتا، مەنبەنى كونترول قىلىپ بۇلغىنىشنى توسۇش، ئىچكى مەنبەنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېقىن سۇ سۈپىتىنى ساقلاش تېخنىكا لىنىيەسى بويىچە تەرتىپلىك تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر