باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2019.04.04 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايون ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئاچقان تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، فۇنكسىيەلىك مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى پىكىر ئاساسىي بازىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىك مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، كۆچمە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش سېپىنى قۇرۇش كېرەك؛ قوشۇننىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم پۈتۈن تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت مەدىتىنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر