4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىن ئايرىلىپ، پارلامېنتتا باش ۋەزىردىن سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ماڭدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي 2-ئاپرېل كەچتە دوۋنىڭ كوچىسىدا سۆز قىلىپ، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەنگلىيەنىڭ تەرتىپلىك ھالدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»ىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋاقىت قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»نى يەنىمۇ كېچىكتۈرۈش ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى