باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.04.04 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 3-ئاپرېل بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مەكتەپ سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇردى.

  يېڭى دەۋردىكى بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2018-يىلى 8- ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە «بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تارقىتىپ، كونكرېت نىشاننى بېكىتكەن ھەم ئائىلە، مەكتەپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە تارماقلارنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

  ئىككى مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ ئاچقان مەملىكەتلىك بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە مەكتەپلەرنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىن يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغان سىياسىي مەسىلە، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يېڭى ئارزۇسىغا مۇناسىۋەتلىك خەلق رايى مەسىلىسى. «بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى: يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كۆزىتىش ۋە باھالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك بويىچە ئارىلىشىش خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر