- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەدلىيە مىنىستىرلىقى: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا دائىر مەمۇرىي نىزام مۇشۇ يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ
2019.04.04 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 3- چېسلا «ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا دائىر خىزمەتلەرنى تۈپتىن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلدى .
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، مائاشنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسا، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ۋە ئەمگەكچىلەرگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، مائاشنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلىشى كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر قانۇن چىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا دائىر مەمۇرىي نىزامنى بۇ يىل ئىچىدە ئېلان قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر