باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق بىرلىشىپ 13 يېڭى كەسىپنى ئېلان قىلدى

ئېلېكترونلۇق مۇسابىقە خادىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2019.04.04 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جەمئىيەتكە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمى، نەرسە تورى قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمى، بۇلۇت ھېسابلاش قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمى، رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرغۇچى، بىناكارلىق ئۇچۇر مودېلى تېخنىكى، ئېلېكتىرونلۇق مۇسابىقە تىجارەتچىسى، ئېلېكتىرونلۇق مۇسابىقە خادىمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەيدىگۈچى، يېزا ئىگىلىك باشقۇرغۇچى، نەرسە تورى قۇراشتۇرۇش-تەڭشەش خادىمى، سانائەت ماشىنا ئادىمى سىستېمىسى مەشغۇلاتچىسى، سانائەت ماشىنا ئادىمى سىستېمىسىنى ئاسراش خادىمى قاتارلىق 13 يېڭى كەسىپ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. بۇ، 2015-يىللىق نۇسخىدىكى دۆلەت كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىش مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى كەسىپلەر بولۇپ قالدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ، يېڭى كەسىپنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇنلار تاپشۇرغان يېڭى كەسىپلەر تەكلىپلىرى ئىچىدىن باھالاپ چىقىلىپ ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالغاندىن كېيىن بېكىتكەن. تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى كەسىپلەر ئاساسلىقى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:

  بىرىنچى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى يېڭى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئىككىنچى، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۆسۈشى ئەنئەنىۋى كەسىپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئۈچىنچى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش يېڭى كەسىپلەرنى ھاسىل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر