باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سۇچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2019.04.04 14:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سۇچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇچىلىق خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سۇچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دېڭ مىڭجياڭ بەرگەن مەخسۇس تېمىلىق دوكلات ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارنىڭ ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ۋە جان تومۇرى، جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، سۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ تىزگىنلەشتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىنى سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى بىلەن پىلانلىق سۇ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سۇ بايلىقىدىكى ئېلىش، ئىشلىتىش، سەرپ قىلىش، چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سۇ ئىشلىتىش شەكلىنىڭ يىرىك بولۇشتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچەپ سۇ تېجەش تىپىدىكى كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، سۇ تېجەش تىپىدىكى ئىقتىسادنى يېتىلدۈرۈش، سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك. بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا قاراپ ئېھتىياجنى بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنىڭ بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ھەرقايسى ئامىللارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولى ۋە بازار مېخانىزمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سۇ تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق تارماقلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، سۇچىلىق ساھەسىنى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەپەككۇر شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، دەل جايىدا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، سۇچىلىق خىزمىتىدە ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بەنزىنى ياخشى تۇتۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي مەدەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر