باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭمىڭ بايرىمىدا دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم سانى 112 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يەتتى

قىزىل ساياھەت قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى

2019.04.08 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاپرېل مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى (مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزى)نىڭ جايلاردىكى ساياھەت تارماقلىرى، خەۋەرلىشىش تىجارىتى سودىگەرلىرى، تور ساياھەت مۇلازىمەت سودىگەرلىرى يۇقىرىغا يوللىغان ۋە تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال ھېسابلىشىچە، 2019-يىلى چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى 112 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 47 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قىزىل ساياھەت باش تېما تۈرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ توردا بېلەت سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.2 ئاشقان. جايلاردىكى تارىخ مۇزېيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى بەس-بەستە چىڭمىڭ باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى قىزىل مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا مۇزېي، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە كىچىك بازار، دىنىي تىلەك تىلەش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا، پەن- تېخنىكا سارىيى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار ئايرىم- ئايرىم %54.33، %32.36، %38.24، %37.23، %42.91كە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر