باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى

2019.04.04 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پۇقراۋىي ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەت بېرىش ۋە قوللاش ھەققىدە بىر يۈرۈش سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە پۇقراۋىي ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشى ئادەتتىكى خىزمەت تەكشۈرۈشى ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش بولۇپ، چوقۇم قانۇن تۈزۈم، قانۇن بەلگىلىمە، قانۇن ماددىلارنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ يېڭىدىن قوشۇلغان مەزمۇنلار، قانۇن تۈزۈم ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بىرىنچىدىن قانۇنغا ئاساسلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، قانۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇختا خىزمەت، ئەمەلىي سانلىق مەلۇمات، ھەقىقىي دېلو ئارقىلىق قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، قاراتمىلىق، يېڭىلىق يارىتىشچان، ئەمەلىي ئۈنۈمى بار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك، ئىككىنچىدىن، مەسىلىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقاش، تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ۋە سىياسەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئۈچىنچى، ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس يېشىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئۈچىنچى تەرەپكە باھالىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، كەسىپچانلىقى، ئوبيېكتىپلىقى ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرۇش كېرەك، تۆتىنچى، ياخشى ئىستىلنى ساقلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.

  چېن جۇ، ۋاڭ دوڭمىڭ، خاۋ مىڭجىن، جاۋ كېجىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا بېرىپ ھەقىقىي تەكشۈرىدۇ، 8 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر