باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يېڭى تىپتىكى «گېن قايچىسى» ۋاسىتىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى

2019.04.08 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر سان «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر خىل «گېن قايچىسى» قورالىنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋاسىتىسىنى كەشىپ قىلغانلىقىنى، گېن تەھرىرلەشنى كونترول قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، راك قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش جەھەتتە كەڭ قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەتقىقاتچىلار يېڭى تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇسۇلدا «يۇقىرى ئالماشتۇرۇش نانومېتىر زەررىچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ۋىرۇسسىز ۋاسىتە قوللىنىلغان. «گېن قايچىسى» CRISPR-Cas9 سىستېمىسىدا قۇلۇپلانغان بۇ نانو زەررىچىلىرى ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن كۆپ مىقداردا يۇتۇۋېلىنىدۇ. بۇ نانومېتىر زەررىچىلىرى فوتوكاتالىزلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، جاراھەتسىز ئىنفرا قىزىل نۇرى ئاستىدا، نانومېتىر زەررىچىلىرى ئۇلترا بىنەپشە نۇر تارقىتىپ، نانومېتىر زەررىچىلىرى بىلەن Cas9 ئاقسىلى ئوتتۇرىسىدىكى «قۇلۇپ»نى ئېچىپ، Cas9 ئاقسىلىنى ھۈجەيرە يادروسىغا كىرگۈزۈپ، گېننى دەل جايىدا قايچىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى بەدەن سىرتىدىكى ھۈجەيرە ۋە تىرىك كىچىك چاشقاننىڭ تەن ئۆسمىسى تەجرىبىسىدە دەلىللەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر