باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە رايونلار داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

بارلىق ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەممىسى رايونلار داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈنەرلىك بولدى

2019.04.08 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ رايونلار داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بولۇپ، بارلىق ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەممىسى رايونلار داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. بۇنىڭ بىلەن، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش يۆنىلىشى مۇۋاپىقلىشىشقا يۈزلەنگەن، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، رايونلارنىڭ داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 2018- يىلى مەملىكەت بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالانغان بىمارلار 19 مىليون 38 مىڭ قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرىغا يۆتكەلگەن بىمارلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئازايغان؛ تۆۋەنگە چۈشكەن بىمارلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83 كۆپەيگەن. %75 داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى رايونلار داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە 1800دىن ئارتۇق ناھىيەنى قاپلىغان. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ %62ى 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا سەۋىيىسىگە يەتكەن، %22 ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ %22ى 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانا سەۋىيىسىگە يەتكەن.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە شەھەرلەر داۋالاش گۇرۇھى، ناھىيە تەۋەسىدىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى، رايون ھالقىغان مەخسۇس كۇرسلار ئىتتىپاقى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورلىرىدىن ئىبارەت تۆت خىل داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئەندىزىسى شەكىللەندى. شەھەرلەر داۋالاش گۇرۇھى ۋە ناھىيە تەۋەسىدىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئاساسلىقى ۋىلايەت ۋە شەھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ھەمدە ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى، مەخسۇس كۇرسلار ئىتتىپاقى ۋە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورلىرى دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس كۇرس ئەۋزەللىكىنى نۇقتىلىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، ئېلىمىزدىكى 100 شەھەردە شەھەرلەر داۋالاش گۇرۇھى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، داۋالاش گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش سىستېمىسى، يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇش سىستېمىسى، يىراقتىن ئوقۇتۇش سىستېمىسى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاش سىستېمىسى قاتارلىقلار بەرپا قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە ئالماشتۇرۇشى، ھەمدە ئورتاق بەھرىلىنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىمارلارنى ئۈزۈكسىز رەۋىشتە بىر گەۋدىلەشكەن داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 500 ناھىيىدە ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر