باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 2019- يىلنىڭ 1- پەسلىدىكى پۈتۈن مەملىكەتلىك تەبىئىي ئاپەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2019.04.08 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7- ئاپرېل جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە،جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2019- يىلى 1- پەسىلدىكى تەبىئىي ئاپەت ئەھۋالىنى كېڭىشىپ تەھلىل قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، 1- پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەتتە يۈز بەرگەن تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر نەتىجىسىدە، زىيانغا ئۇچرىغانلار سانىنىڭ 1 مىليون 396 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى، 87 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانىنىڭ 13 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەنلىكى بېكىتىلگەن.

  ئاپەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە قەرەرلىك ھالدا ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1- پەسىلدە ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر ئاساسلىقى بوران-مۆلدۈر، گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر، ئورماندىكى ئوت ئاپەتلىرى، يەر تەۋرەش ۋە قار ئاپىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن. تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن، 900 نەچچە ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 11 مىڭ ئېغىز ئۆي ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان، 86 مىڭ ئېغىز ئۆي ئادەتتىكىچە زىيانغا ئۇچرىغان؛ 711 مىڭ گېكتار يەردىكى زىرائەتلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ھوسۇل ئېلىنمىغان كۆلەم 13.4 مىڭ گېكتارغا يەتكەن؛ ئىقتىسادىي زىيان 2 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئۇ ئاپەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەت بولدىكى: كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوران-مۆلدۈر ئاپەتلىرى پۈتۈن يىل بويى بىر قەدەر بالدۇر يۈز بېرىپ، تەسىرى ئومۇمىييۈزلۈك بولدى؛ گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەر ۋە ئورماندىكى ئوت ئاپەتلىرى تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەتلەرنى پەيدا قىلدى؛ يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈكلۈك ئومۇمىي سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بولسىمۇ، سىچۈەن ۋە چىڭخەيلەردىكى يەر تەۋرەش بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان پەيدا قىلدى؛ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە قار ئاپىتى يىل بېشىدا مەركەزلىك ھالدا يۈز بەردى، چىڭخەي يۈشۇ قاتارلىق جايلاردا ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولدى؛ جەنۇبىي رايونلاردا يامغۇر كۆپرەك ياغدى، جياڭشى، خۇنەن ۋە يۈننەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىدە كەلكۈن ئاپىتى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولدى.

  1- پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئامىللار تۈپەيلىدىن ئادەم ئۆلۈپ كېتىشتەك گېئولوگىيىلىك ئاپەت ۋەقەلىرىدىن 8 قېتىم، ئادەم ئۆلۈشكە زامىن بولغان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدىن 4 قېتىم يۈز بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرى شيانىڭ ناھىيەسى زاۋلىڭ يېزىسىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، شۇ جايدىكى شىپاخانىنىڭ بىر ئائىلىلىكلەر بىناسى، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ بىر ئائىلىلىكلەر بىناسى ۋە بىر كىچىك تىپتىكى يۇيۇنۇش مەركىزى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 20 ئادەم قازا قىلدى، 13 ئادەم يارىلاندى. سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى مۇلى ناھىيىسىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 27 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، 3 نەپەر يەرلىك كادىر ۋە ئامما قۇربان بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1- پەسىلدە، گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەردە 30 ئادەم قازا قىلغان، ئورمان ئوت ئاپىتىدە 39 ئادەم قازا قىلغان.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1- پەسىلدە،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاپەت ئەھۋالى يېقىنقى بەش يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يېنىك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالە ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ سانى ھەمدە بىۋاسىتە ھالدىكى ئىقتىسادىي زىيان ئايرىم-ئايرىم ھالدا %85، %82 ۋە %73 ئازايدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر