4-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ (سولدا) ئىئوردانىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سافادى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 7- ئاپرېل ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ گولان ئېگىزلىكى ۋە يېرۇسالىم مەسىلىسىدىكى قارارى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە «ئەسىر كېلىشىمى»نىڭ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان سەلبىي تەسىرىگە دىققەت قىلماقتا، دېدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئارىلىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى