باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاپتوماتىك ھەيدىلىش ئاپتوموبىللىرى تېخنىكىسى ھەر يىلى ئەنگلىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليارد فوند ستېرلىڭ تۆھپە قوشىدۇ

2019.04.08 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئاپتوموبىل ياساش تىجارىتى بىلەن سېتىش تىجارىتى جەمئىيىتى ۋە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى فروست- سالىۋىن يېقىندا بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمىسى ۋە ئاپتوماتىك ھەيدىلىش ئاپتوموبىللىرى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، 2030- يىلىغا بارغاندا، بۇ ساھە ھەر يىلى ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا تەخمىنەن 62 مىليارد فوند ستېرلىڭ (بىر فوند ستېرلىڭ تەخمىنەن 1.3 ئامېرىكا دوللىرى) تۆھپە قوشىدۇ .

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيەدىكى كەسپى ساھەلەر ۋە ھۆكۈمەت 500 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمىسى ۋە ئاپتوماتىك ھەيدىلىش ئاپتوموبىللىرى تەتقىقاتى ۋە سىنىقىغا ئىشلەتتى. ئەنگلىيەدە بۇنىڭ ئۈچۈن تۆت ئاساسلىق تەجرىبە مەيدانى ۋە ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك سىناق تاشيولى ھازىرلانغان بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرلىرىدىن 80دىن ئارتۇق تۈر قول تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ .

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئاپتوماتىك ھەيدىلىش ئاپتوموبىللىرى 2021- يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيەدە تەدرىجىي ھالدا ئىشقا سېلىنىدۇ. كەلگۈسى 10 يىلدا، ئاپتوماتىك ھەيدىلىش ئاپتوموبىللىرى تېخنىكىسى ئارقىلىق، 47 مىڭ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدىن ساقلىنىپ قېلىشقا، 3900 ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ھەمدە ئاپتوموبىل سانائىتى، تېلېگراف ۋە رەقەملىك مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە 420 مىڭ خىزمەت ئورنىنى يارىتىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر