خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى زاراڭزا سانائەت رايونىنىڭ"ئىلى ياچىنا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى" قاچىلاش سېخىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى زاراڭزا كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، زاراڭزا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 130 مىڭ مو ئەتراپىدىكى يەرگە زاراڭزا تېرىلدى، نەتىجىدە، زاراڭزا ھازىر چاپچال ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى