باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۇنىۋېرسال لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.08 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۇنىۋېرسال لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە»دە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدىكى خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكىنى ماھىيەتلىك تۆۋەنلىتىشكە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا، ھەمدە ۋاقتىدا ۋە تولۇق چىقىم قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى %16تىن يۇقىرى بولغان ئۆلكىلەردە، ئۇ نىسبەت %16گە تۆۋەنلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق نىسبىتى داۋاملىق تۈردە ۋە باسقۇچلۇق ھالدا تۆۋەنلىتىلىدۇ. 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇمىي ھەق نىسبىتى %1 بولغان ئۆلكىلەردە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش مۇددىتى2020- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ. 2019- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش مۇددىتى 2020- يىل 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ.

  «لايىھە»دە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى سىياسىتىنى تەڭشەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەرقايسى ئۆلكىلەر چوقۇم ئۆز ئۆلكىلىرىدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ غەيرى-خۇسۇسىي ئىگىلىك ئورۇنلىرى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەقلىرىنى سالماق ۋەرىشتە ھېسابلىغان شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى بويىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا خۇسۇسىي ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكىنى بېكىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان قىسمەن كىشىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشى كېرەك. يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئەركىن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئەگەر كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، ئۇلار مەلۇم دائىرىدە مۇۋاپىق ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى ئىختىيارىي تاللىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر