باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەنبە ئېقىن سۈيى باشلاپ كەلدى

2019.04.08 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئالتە تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭىچە پاتېنتنى رەنىگە قويۇپ، 20 مىليون يۈەن قەرز ئالغانىدۇق، پۇل بىر ئايدا ھېساباتقا كىردى، قولايلىق، تېز بولدى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىمۇ تۆۋەن بولدى.» 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، قاراماي خۇڭشىڭ نېفىت قۇرۇلۇشى تېخنىكا مۇلازىمىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە مەسئۇلى ليۇ يۈلى مۇنداق دېدى: «ئىشكاپتا تۇرغان كىچىك دەپتەرلەرنى <پۇلغا تېگىشكىلى بولىدۇ>غانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق».

  ليۇ يۈلى دېگەن «كىچىك دەپتەر» كارخانىنىڭ پاتېنت گۇۋاھنامىسى ئىدى. 2018- يىلى، قاراماي شەھىرىدە خۇڭشىڭ نېفىت قۇرۇلۇشى تېخنىكا مۇلازىمىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلى ئالغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن بەشى بولۇپ، قەرز پۇل سوممىسى 151 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2019- يىلى كىرىپ ھازىرغىچە قاراماي شەھىرىدە 32 كارخانا ئىلتىماس سۇندى.

  قاراماي شەھىرىدە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قارىتىلغان پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇل كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىش، قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ كارتىنىسىغا ئايلاندى.

  2017- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، سابىق ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى «پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىلىرىنىڭ پاتېنت ئاساسىي سانىنى ئېنىقلاپ، قەرز پۇل ئېھتىياج ئامبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى، كىرېدىت سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى كۈچلۈك مۇنەۋۋەر كارخانىلارنى بانكىچىلىق قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  سىياسەتنى يولغا قويۇش جەريانىدا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قەرز ئېلىش تەننەرخى يۇقىرى بولۇشقا دۇچ كېلىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرز پۇل بېرىش خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى بولۇشقا دۇچ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ئاستىلىتىپ قويدى. ئارقىدىن، ئاپتونوم رايون سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلىغا ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى يولغا قويۇپ، كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ ئەمەلىي تۆلەيدىغان ئۆسۈم ئومۇمىي سوممىسىغا بەلگىلىك نىسبەتتە تولۇقلىما بېرىپ، كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. ئۇلاپلا ئاپتونوم رايون يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلى خەۋپ - خەتىرى تولۇقلىما پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى(ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلىپ، بازارلاشقان پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ - خەتىرىنى ئايرىم - ئايرىم ئۈستىگە ئېلىش ھەم تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى يېنىكلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قەرز پۇل بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئىككى تۈرلۈك سىياسەتنىڭ چىقىرىلىشى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى خاتىرجەم قەرز پۇل بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، كارخانىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلىدىن پايدىلىنىش ئاكتىپلىقىنىمۇ ئۆستۈردى.

  2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈردى، قەرز پۇل سوممىسى 410 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنى 2017- يىلىدىكى 26 مىليون يۈەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قەرز پۇل سوممىسى 16 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، قەرز پۇل ئالغان كارخانىلار بەش ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

  «نۆۋەتتە، پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلى ئاساسلىقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىدىن ئىبارەت تۆت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۈلگىلىك ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دە قانات يايدۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش پىلانلاندى.» شىنجاڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش - ياردەم بېرىش مەركىزى (دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پاتېنت ئىدارىسى ئۈرۈمچى ۋاكالەتخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەنبە ئېقىن سۈيى باشلاپ كەلدى، يەنە كارخانىلارنى كەشىپ قىلىش، ئىجاد قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى شەكىللەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر